دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت-خىتاي يېڭىدىن ئىنسانىيەت كرىزىسىنى بىخلاندۇرماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.27

27-ماي كۈنى دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن رەسمىي نامى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بولغان بۇ زېمىندا ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى قاتتىق زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا 1مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيە» نامىدا تۇتقۇن قىلىپ، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا رايوندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئىسكەنجىگە ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن مۇنۇلار بايان قىلىنغان:

«شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت قاتتىق ئېغىرلىشىپ، يېڭى بىر ئىنسانىيەت كرىزىسى بىخلىنىشقا باشلىدى. تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە پاناھلىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئەگەر ئۇلار ئالاقە قىلغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى سوئال-سوراققا، تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ھەتتا قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشى مۇمكىن. بىر ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان بۇنداق تاجاۋۇز چوقۇم خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار»

دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ماقالىدە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى، يەنى بۇ مەسىلىنىڭ ھازىر بىر مەيدان تەشۋىقات ئۇرۇشى سەۋىيەسىدە توختاپ قېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئەگەر خەلقئارالىق ئورگانلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىمىسا، قۇرۇق سۆزنىڭ ئۇ يەردە زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئەمەلىي پايدىسى بولمايدۇ،» دېيىلگەن.

ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇقنى بۇنداق ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازاغا تارتىشىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.