ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.27


كۆپ يىللاردىن بۇيان تارىم دەرياسى ۋادىسىدا قالايمىقان بوز يەر ئېچىش، قۇملىشىشنىڭ تەبىئىي مۇداپىئە توسۇقى ھېسابلىنىدىغان توغراقلىقلارنى قالايمىقان كېسىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇش خاراكتېرىدىكى قىلمىشلار تۈپەيلىدىن توغراقلىقلارنىڭ كەڭ دائىرىدە قۇرۇپ كېتىش مەسىلىسى ئېكولوگىيە مۇتەخخەسىسلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت خاراكتېرلىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈردە دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراق ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلاپ، كۈنسېرى قۇرۇپ كېتىۋاتقان توغراقلىقنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.

سىنا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 15 مىليون مو توغراقلىقلارنىڭ زاۋاللىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 20 - ئىيۇن كۈنىدىن ئېتىبارەن مەخسۇس تارىم ۋادىسى توغراقلىقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتى باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، توغراقلىق رايونىنىڭ سۇ ئىشلىرىنى تىزگىنلەش ۋە قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشنى ئېنىقلاش، توغراقلىق رايونىدىكى قالايمىقان كېسىش، ئورمانلىقنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، دەرياسى ۋادىسى رايونىدا قالايمىقان قۇدۇق قېزىش، دەريادىن قالايمىقان سۇ باشلاش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلىنىدىكەن.

توغراقلىلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى مەسىلىسى ھەققىدە ھەتتا 2000 - يىلى، خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا قالايمىقان بوز يەر ئېچىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بۇ جايلاردىكى توغراقلىقلارنىڭ 1950 - 1990 - يىلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ، توغراقلىقلارنىڭ 4 تىن 3 قىسمىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

لېكىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە تارىم دەريايى سۇ مەنبەسىنى بوغۇش، كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىشنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئەمما، تارىم دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى رايونلىرىغا ئورۇنلاشقان «بىڭتۈئەن»، يەنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە سۇ مەنبەسىنى قامال قىلىشى ۋە بوز يەر ئېچىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئامىللار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.