تونۇلغان شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد خوتەندە ۋاپات بولغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.12

تونۇلغان شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۈرەك قان تومۇر يېرىلىش سەۋەبى بىلەن 7-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈنى 47 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شائىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەنلىك خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى.

مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش نادىر شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ 1990-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «مۇقام»، «شاراب خۇمارى»، «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىغا يېقىن شېئىرلىرى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ۋە ئۆزگىچە شېئىرىي چوڭقۇرلۇق بىلەن ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشلارغا ئېرىشكەن. شائىرنىڭ «ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم»، «ئۆلۈم يىلنامىسى»، «تارىخ»، «رەڭدار سۆزلەر» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان شېئىرلىرى ئىنگلىز ۋە ياپون تىللىرىغا تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «چېگراسىز سۆزلەر» ناملىق خەلقئارالىق شېئىرىيەت ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى زامانىۋى ئىپادە ئۇسلۇبى بىلەن شېئىرىي بوشلۇقنى ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى روھ بىلەن سۇغارغان ئىكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكسىز ئىپادە پاساھىتى بىلەن قەدىمىي مەدەنىيەتكە تويۇنغان بىر خەلقنىڭ بۈگۈنكى جىددىي تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئىچىدىكى مەنىۋى دۇنياسى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىكەن. شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى جوشۇۋا فرىمان «چېگراسىز سۆزلەر» ژۇرنىلىغا يازغان ئوبزورىدا «غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرىدۇر،» دەپ باھا بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، شائىرنىڭ 10 توم قىلىپ توپلانغان شېئىرلار توپلىمى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلىدىن تارتىپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئىكەن. ھالبۇكى، دەسلەپكى 4 تومى تارقىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ قالغان توملىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلغان.

شائىرنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. گەرچە كېيىنكى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما شائىرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن 47 يېشىدا تۇيۇقسىز قازا قىلىشى نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. رادىيومىز شائىرىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق تېلېفون كونتروللۇقى سەۋەبلىك بۇ خەۋەرنى ئۆز ئالدىغا دەلىللەش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1197-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.