توپا ئاستىدا قالغان 83 ئىشچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېرەكسىز

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.03.30

تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىگە 36 سائەت بولغان بولسىمۇ، تاش - تۇپراق ئاستىدا قالغانلاردىن پەقەت بىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

ۋەقە تىبەتنىڭ مائىجۇكۇڭگار ناھىيىسىدىكى بىر كان رايونىدا پەيشەنبە ئەتىگەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، 83 ئىشچىنىڭ توپا ئاستىدا قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار ھازىرغا كەلگۈچە پەقەت 1 جەسەت تاپقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاش - تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان باشقا 82 ئادەمنىڭ تېرىك قىلىشىدا ئۈمىد زور ئەمەس ئىكەن.

تىبەت رايونىدا تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى جىلىندىكى بىر كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاپ 28 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.