خىتايدىكى تور بەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنى مۇنازىرە قىلغان قىز ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى بىر تور قوللانغۇچىسى خىتايدىكى مۇنازىرە تور بېتى بولغان «ۋېيبو» تورىدا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئوچۇق - ئاشكارە كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى مۇنازىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەتتا ئۆلۈم بىلەن  تەھدىت قىلىنغان.

مەزكۇر ۋەقە «يەرشارى ۋە مەكتۇبلار» گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 23 ياشلىق جاڭ فامىلىلىك قىز ئىچكى موڭغۇلدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى گەرچە موڭغۇل مىللىتىدىن بولسىمۇ، ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلەشنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ موڭغۇلچىنى بىلمەيدىكەن. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ كىملىكىدە موڭغۇل مىللىتىدىن بولغانلىقى يېزىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئوقۇغۇچىلار چۈشىدىغان بىر مېھمانخانىغا ئېلىنمىغان. مېھمانخانا خادىملىرى ئۇنىڭغا: «بىز ساڭا ئوخشاش موڭغول، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق كىشىلەرگە ياتاق بېرەلمەيمىز» دېگەن.بۇ قىز تور بەتكە يوللىغان ئىنكاسىدا «بۇ دۆلەت نېمانچە مەنتىقىسز؟ ئۇ بىر ياقتىن دۆلەتنى سۆي، دەيدۇ ئەمما بىر ياقتىن ساڭا زەربە بېرىدۇ. ئۇ سېنى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى دەيدۇ ئەمما يەنە بىر ياقتىن سېنى ئەڭ ــــــتۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرا دەپ ماركا چاپلاپ قويىدۇ» دەپ يازغان.

بۇ قىز يازمىسىدا يەنە، ئۆزى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ مەكتەپ ئىچىدە ياغلىق چىگىش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلاردىن چەكلەنگەنلىكى، بىر ئۇيغۇر ساۋاقدىشى پەقەت ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىش بىلەن تەھدىت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە «بۇ ساۋاقدىشىم ماڭا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەرنى دەپ بەرگىنىدە مەن ئۇلارغا ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم، تاكى ئۆزەمنىڭ بېشىغا بۇ ۋەقە كەلگۈچە» دېگەن.

ھالبۇكى، بۇ قىزنىڭ يازمىسى خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلار ئۇنى ھاقارەتلىگەن ياكى بۇ قىزنى «تېررورچىلارنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلىگەن. بەزىلەر ھەتتا «تېررروچىلارنى قوللىغانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ قىزنىڭ يوللانمىسى خىتاي تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى ۋىلليام نى «يەرشارى ۋە مەكتۇبلار» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاشكارە قىلىشىنى بار كۈچى بىلەن توسۇپ، ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئەۋزەل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاپ، شۇنىڭغا ئىشىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«يەرشارى ۋە مەكتۇبلار » گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى»نىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت