ئامېرىكا ئىستىخبارات باشلىقى: ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي تور بۇزارلىرىغا قاتتىق چارە كۆرۈش كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-09-11
Share

ئامېرىكا باش ئىستىخبارات مۇدىرى جېيمىس كلېپېر، تور ھۇجۇمىغا قارشى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا تورلىرىغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي تور بۇزارلىرىغا قاتتىق چارە كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.

كلېپېر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، «خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ كەڭ ساھەلەردىكى مەنپەئەتىنى داۋاملىق نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ.

ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىدىن تارتىپ، سەزگۈر ئىقتىسادى ئۇچۇر ئامبىرى ۋە ئامېرىكا ئەقلىي مۈلك ھوقۇق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. ئوباما ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇن چىقىرىپ، ئامېرىكا تورلىرىغا ھۇجۇم قىلغان شەخس ۋە شىركەتلەرنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

جېيمىس كلېپېر، ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان تور بۇزارلىرىغا سىمۋول خاراكتېرلىك جازا بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئامېرىكا تور ئامانلىق تەدبىرىنى كۈچەيتسە، بۇ خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئۇ ھەرىكىتىنى داۋاملىق توختاتمىسا، ئۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى ۋە خەتىرى ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېيمىس كلېپېرنىڭ سۆزىگە خىتاي جۈمە كۈنى دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، كلېپېرنىڭ سۆزىنى «ئاساسسىز ئەيىبلەش»، دەپ كۆرسىتىپ، بىز« ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى دىئالوگ باشلاشنى، تىنچ، بىخەتەر ئوچۇق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تور دۇنياسىنى بىرگە قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمى مەسىلىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويىدىغان پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت