FBI خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.10.09

ئامېرىكا FBI دائىرىلىرى خىتايدىن كېلىدىغان تور جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ھەر يىلى نەچچە ئون مىليارد دوللار زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى-FBI نىڭ دىرېكتورى جەيمىس كومېي يەكشەنبە كۈنى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە: بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرى تېخى ئۆز سىستېمىلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز، دېدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا كومېينىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇ، تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتايدا قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ساختا پاكىتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەيمىس كومېي سۆزىدە يەنە، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلغاندا ئالدىغا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا شىركەتلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىش تاكتىكىلىرىدىن تارتىپ ئوغرىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا خىتاي ئارمىيىسى قارمىقىدا خىزمەت قىلىدىغان 5 كىشىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جاسۇسلۇق ھۇجۇمى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.