ترامپ خىتايغا قاتتىق بولۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن پېتېر ناۋاررونى ۋەزىپىگە قويدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.22

نۆۋەتتە ھۆكۈمەت كابىنېتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سايلام غالىبى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا دۆلەت تىجارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتلەردە قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادشۇناس پېتېر ناۋاررونى تەيىنلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پېتىر ناۋاررو ئىقتىسادشۇناس ۋە سەرمايە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا ھەم ئامېرىكىدا تونۇلغان ۋە شۇنداقلا كېيىن ھۆججەتلىك فىلىمغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەنگەن «خىتاي سەۋەب بولغان ئۆلۈم--ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى يوقىتىشى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابى ۋە ھۆججەتلىك فىلىمىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنى، خىتاينىڭ ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئاسىيادىكى بىردىن-بىر قۇدرەت بولۇش نىيىتى بارلىقىنى شەرھلەش بىلەن بىرگە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ماللارنىڭ ئامېرىكا ئېكولوگىيىسىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلكلىرىنىڭ ئوغرىلىنىش مەسىلىسىمۇ ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىكەن.

دونالد ترۇمپ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ناۋاررونىڭ بۇ خىزمەتكە تەيىنلىنىشىنى قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان بېرىۋاتقان سىياسەتلەرنى ئوڭشايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ پېتىر ناۋاررونىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كابىنېتىغا تاللانغان كىشىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىن-بىر يول، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.