پرېزىدېنت ترامپ ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-11-05
Share

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، سەپەرنىڭ بىرىنچى بېكىتى ياپونىيە بولدى.

ئۇ، شەنبە، يەنى 4-نويابىر كۈنى ئاخشىمى ياپونىيەگە يېتىپ كەلدى. يەكشەنبە كۈنى ئۇ توكيودا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا جەڭچى ۋە ئوفىتسېرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلىگەن نۇقتىدا «ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق بىر مۇستەبىت، ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت ئامېرىكانىڭ ئىرادىسىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى لازىم» دەپ ئەسكەرتكەن.

كۆپىنچە ئانالىزچىلار پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى شىمالى كورېيەگە بېرىلگەن سىگنال دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلار ترامپنىڭ بۇ قېتىم ئاسىيا رايونىدىكى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ۋيېتنام ۋە فىلىپپىنگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى شىمالى كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەزكۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قاراشماقتا. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى سۈپىتىدە 8-10-نويابىر كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ترامپنىڭ بۇ زىيارىتى ئەڭ دىققەت قوزغاۋاتقان تېما بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي رەھبىرى بىلەن بولىدىغان سۆھبەتلىرىدىكى ئاساسىي تېمىنىڭ شىمالى كورېيە مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي سودا-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. 

رۇسىيەنىڭ ت ئا س س ئۇچۇر ئاگېنتلىقى بۇ قېتىم يەنە پرېزىدېنت ترامپنىڭ 10-نويابىر كۈنى ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىغانلىقى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا شىمالى كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا رۇسىيەنىڭ قوللىشى مەسىلىسىنىڭ سۆز تېمىلىرىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت