پرېزىدېنت ترامپ پۇتىن بىلەن ۋيېتنامدا ئۇچراشقان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.12

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى ۋيېتنام زىيارىتىنى باشلاپ، خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت زىياپىتىگە قاتناشقان ۋە شۇ كۈنى يەنە ۋيېتنامدىكى بەزى جايلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋيېتنامنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىغان. پرېزىدېنت ترامپ، 12-نويابىر كۈنى خانويدا ۋيېتنام دۆلەت رەئىسى چەن دايكۇئاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ بۇ قېتىم يەنە ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا پرېزىدېنت ترامپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىر قانچە قېتىم غەيرىي رەسمىي سۆزلەشكەن.

ترامپ ۋە پۇتىن شەنبە كۈنى ئەتىگەندە داناڭ شەھىرىدە قىسقا ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىشىشلىرىدە 2016-يىلى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا ئارىلىشىش مەسىلىسى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى ھەربىي يول بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما، ئىلگىرىراق، بۇ قېتىم پرېزىدېنت ترامپ بىلەن پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ۋيېتنامدا رەسمىي كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە ترامپنىڭ شىمالى كورېيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا رۇسىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ قېتىم ترامپ بىلەن پۇتىن ئارىسىدا رەسمىي شەكىلدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى بولمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.