دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى بىلەن مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.28

يېڭىدىن ئاقسارايغا كىرگەن ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا چېگراسىنى كۆچمەن مۇساپىرلارغا قارىتا ۋاقىتلىق تاقايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سۈرىيە، ئىراق، ئىران، يەمەن، لىۋىيە، سۇدان ۋە سومالى قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كېلىدىغان ھەرقانداق كۆچمەن ياكى مۇساپىرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت دونالد ترامپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى تۇرغۇزىدىغانلىقىنى، خىرىستىيان ياكى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈشتە مۇسۇلمانلارغا قارىغاندا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىك سادزېۋسكى فېيسبۇك ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ترامپنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىپلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملارنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى، تراپنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.