دونالد ترۇمپ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.02.19


ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن دونالد ترۇمپ، پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە نوتا تاپشۇرۇپ، قانۇنسىز قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولاند ترۇمپ بۇ سۆزنى جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورولاينا شتاتىدا قىلدى. ئۇ، خىتاي، ياپونىيە، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنى قاقتى - سوقتى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ دۆلەتلەرنىڭ قاقتى - سوقتىسىنى چوقۇم توختىتىش كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە: «كۆپچىلىك قاراپ باقسۇن، دۆلىتىمىز جەھەننەمگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن مەسىلىمىز بار. ياپونىيە بىلەن مەسىلىمىز بار. مېكسىكا بىلەن چېگرا ۋە سودا مەسىلىمىز بار» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇدونالد ترۇمپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەر يىلى سودىدا داۋاملىق خىتايلارغا 500 مىليارد دوللار بېرىۋەرسەك بولمايدۇ، بىز ئەمدى بۇنى تۆلىيەلمەيمىز.» دونالد ترۇمپ يەنە، سابىق پرېزىدېنت جورج ۋالكېر بۇشنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنى ئىراق ۋە ئافغانىستاندا پاتقاققا پاتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دولاند ترۇمپ، «ئۇ ئىراققا قوشۇن كىرگۈزدى. ئۇنىڭ باشلىغان ئۇرۇشى ئوتتۇرا شەرقنى ۋەيران قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا مەن ئاگاھلاندۇرغان، سېنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىۋېتىدۇ، دەپ» دېگەن.

دونلاند ترۇمپ جۇمھۇرىيەتچى رەقىپلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزات. ئۇ، ئايۇۋا شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى نامزاتىنى تاللاش سايلىمىدا رەقىبى تەد كرۇزغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھەمپشىر شتاتىدا ئۇتۇۋالغان.

خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ جەنۇبىي كارولاينادىن باشقا جۇمھۇرىيەتچى رەقىپلىرىدىن 11% ئالدىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.