ترامپ بىلەن خارىىسنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتلىق مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسى كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.11

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خارىس 10-سېنتەبىر كەچتە تۇنجى قېتىم يۈزمۇيۈز مۇنازىرىلەشكەن. مۇنازىرىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت سودا نۇقتىسىدىن كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىنغان. مۇنازىرىدە خارىس «ئامېرىكا 21-ئەسىردىكى رىقابەتتە خىتاينى يېڭىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى سابىق پىرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ ئۆزىدىن قورقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ ئاقسارايغا قايتىپ كەلسە خىتاينىڭ مىلياردلارچە دوللار باج تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 90 مىنۇتلۇق تېلېۋىزىيە نەق مەيدان مۇنازىرىسى نۇقتىلىق ھالدا ئىچكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما تاشقى سىياسەت، جۈملىدىن ئوتتۇرا-شەرق ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇنازىرە قىلىنغان. ترامپ رىياسەتچىنىڭ «سىز ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا 20 پىرسەنت باج قويۇش پىلانى باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇنى ئامېرىكالىقلار كۆتۈرەلەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا، باھانىڭ ئۆرلەپ كەتمەيدىغانلىقى، باھا ئۆرلىسە خىتايغا ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ دۆلەتلەر يىللاردىن بېرى بىزنى شىلىپ كەلدى» دېگەن.

ترامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزى پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە يۈرگۈزۈلگەن بەزى باج سىياسەتلىرىنى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملاشتۇرغانلىقى، نەتىجىدە خىتاينىڭ نەچچە يۈز مىليارد دوللار تۆلەۋاتقانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن كامالا خارىس بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خىتاي ماللىرىغا نىشانلىق باج قويغانلىقىنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 100 پىرسەنت، كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا 50 پىرسەنت باج قويۇشى ئامېرىكانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كامالا خارىسنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ سىياسىتى «سودا ئۇرۇشىغا يول ئېچىپ» سودا ساھەسىدىكى پاسسىپ بالانسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خارىس شۇ قاتاردا ترامپنىڭ «ئامېرىكا ئۆزەك (chip) لىرىنى خىتايغا سېتىپ، ئۇنىڭ ئارمىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، «قىسقىسى، ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى» دېگەن. ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇنازىرە كامالا خارىسنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن بېرىقى تۇنجى ئۇچرىشىشىدۇر. ھازىرقى 81 ياشلىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن ئالدىنقى قېتىم ترامپ بىلەن بولغان مۇنازىرىدىن كېيىن، يەنى 7-ئايدا نامزاتلىقتىن چېكىنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.