دونالد ترامپ: «كورونا ۋىرۇسى خىتاينىڭ خاتالىقى، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-08
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئاقسارايدا بەرگەن تۇنجى باياناتىدا «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ جاۋابكارى خىتايدۇر، ئۇ بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ 7-ئۆكتەبىر كۈنىدە تارقاتقان ۋىدىيولۇق باياناتىدا «ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس. ئۇ خىتاينىڭ خاتالىقى ۋە خىتاي بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە قىلغانلىرى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇلار دۇنياغا قىلغانلىرى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ خاتالىقى» دەپ تەكىتلىدى.

دونالد ترامپ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنى داۋالاپ ساقايتىشتا سىناق قىلىپ ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ بارلىق ئامېرىكالىقلارغا ئوخشاش ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ دورىلارنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىپ، ترامپنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەر تارقالغان. بۇ ۋەقە كوممۇنىست رېجىمى ئاستىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ روھىي ساغلاملىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.