دونالد ترامپ خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-06-19
Share

يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە يېڭى جىددىيلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ۋەكىللىرىگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قارىتا 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاموژنا بېجى قويۇشقا تەييارلىنىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاق ساراي ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىق قىلمىشى ئۈچۈن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاموژنا بېجى قويۇشنى بۇيرۇغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل ئوغرىلىق قىلمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىرەر ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىش نىيىتىدە بولماسلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تاموژنا بېجى مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭمۇ تېگىشلىك چارە كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «ۋاشىنگتون بۇ ئارقىلىق سودا ئۇرۇشىنى باشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ غەلۋە قىلغان. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىغا ئاساسەن «ناۋادا ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يوسۇندا قارشى تەرەپكە قارىتا تاموژنا بېجىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرسا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا خىتاي بولىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنىڭدەك ئاق ساراينىڭ يېڭى تاموژنا بېجى قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدىكى پايلىرىنىڭ باھاسى بىراقلا تۆت پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت