خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەر ئارا «تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-01
Share

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-ماي كۈنى چاقىرىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «قوشماق تۇغقانچىلىق» نى ئالغا سۈرۈش نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ئەر كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئائىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى 2917-يىلى باشلانغان تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا چېن چۈەڭو سۆز قىلىپ، بۇ سىياسەتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەڭو: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇغقانچىلىقى› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىشى، ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك،» دېگەن.

چېن چۈەڭو يىغىندا «تۇغقانچىلىق» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نۇقتىلىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن دىققەت قىلارلىق يېرى، ئۇ 9 نۇقتىلىق مەزكۇر خىزمەت پىلانىدا «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چەكلەھستە ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نى باھانە قىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت