خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.08

خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 7-يانۋار تىۋېتتىردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى ئەمەسلىكى»، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئازىيىشى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇقنىڭ ئازىيىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئۇچۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-يانۋار ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ھەققىدىكى بىر دوكلاتىنى ھەمبەھىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان. لېكىن تىۋېتتىردىكى ئىنكاسلاردا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس سىياسىتى ئاقلىنىپ، «تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىدىيەسى ئازاد قىلىنغانلىقى، جىنسىي باراۋەرلىك، ساغلام تۇغۇش ئالغا سۈرۈلۈپ، ئۇلار بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشتىن خالى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشقانلىقى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرى تىۋېتتىردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا تىۋېتتىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە چاقىرىلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى دوكلاتى «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىتىلغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىشىنىڭ 2018-يىلى جىددىي ئازىيىپ كېتىشىنى «دىنىي ئاشقۇلۇقنىڭ يوقىتىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.