ئالېكساندرا ستېرن: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغماسلىققا مەجبۇرلىنىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا قانۇنى ئۆلچەملىرىگە چۈشىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغماسلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت كونترولى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى خەلقئارادا داۋاملىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغماسلىققا مەجبۇرلىنىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا قانۇنى ئۆلچەملىرىگە چۈشىدىكەن». بۇ قاراشنى ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە تۇغۇت ھەقلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ئالېكساندرا ستېرن ئامېرىكادىكى «دۇنيا رادىيوسى» دا تەكىتلىگەن.

پروفېسسور ستېرن 3-ئىيۇل كۈنى «دۇنيا رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە نوپۇس قىرغىنچلىقىنىڭ تارىخىي كونتېكىستى» ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش ئىرقىي قىرغىنچلىققا كىرەمدۇ؟، دېگەن سوئالغا «ئەگەر بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئېنىقلىمىسى مەلۇم بىر توپنىڭ كۆپىيىشىنى ئازايتىش ياكى توختىتىش، دەپ قارىساق، چۈشىدۇ. بۇ ئىرقىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە ئازايتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ قىلمىشى ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىسىغا چۆشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ مەسىلە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 11 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پروگرامما مەسئۇلى ئەلىس ئاندېرسوننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىيان سام، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسىلا گۇتېر قاتارلىقلار قاتناشقانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت