خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى تەقىبلىرى تۇڭگانلارغىمۇ جىددىي كېڭەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.05.21

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئىزچىل مۇھىم ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەنىدى.

يېقىندا بۇ خىلدىكى دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ تۇڭگانلار رايونىغا جىددىي كېڭىيىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە شەكىلدە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى گەنسۇدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندا ئىمام ئۇنىڭغا مەسچىتنىڭ ئاللىقاچان كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقات مەركىزى بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. مەسچىتتە قەرەللىك ھالدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىدىغان بولۇپ، مەسچىت تاملىرىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئېسىلغان.

مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا بۇ جايدىكى ئەرەبچە تىل ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى بىردەك چەكلەنگەن. ئىماملارنىڭمۇ ئەرەبچە تىل ئۆگىتىشى مەنئى قىلىنغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېقىندىن بۇيان گەنسۇ تەۋەسىدىكى موللىلارغا بېرىلىدىغان گۇۋاھنامىلەرنى شۇ كىشىنىڭ كومپارتىيەگە بولغان سادىقلىق دەرىجىسىگە قاراپ تارقىتىش يولغا قويۇلغانلىقتىن ئىماملىق گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ ماڭماقتا ئىكەن.

ئىمامنىڭ مۇخبىرغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە نىڭشيادىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەرنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قۇببىلىرى ئېلىۋېتىلگەن. ئىمام بۇ ئەھۋال ھەققىدە سۆز قىلىۋېتىپ: «ئەگەر ئىشلار مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا بىز ماركىسىزىمچىلار ئېيتقان ‹دىن ھامان بىر كۈنى جەمئىيەتتىن غايىب بولىدۇ› دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز» دېگەن.

نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا رامىزاندا روزا تۇتقان ئىككى تۇڭگان ئوقۇغۇچىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش ھەققىدىك قىزىل باشلىق ھۆججىتىمۇ بۇ ئەھۋالنى تەستىقلايدۇ. خىتايدىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن ئەنرەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان قىلمىش» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.