تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا 15 تۈرك ساياھەتچى ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈلمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.23

20-ماي كۈنى 15 كىشىلىك بىر ساياھەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈلمىگەن ۋە 10 سائەتچە ئاۋارە قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەن.

تۈرك ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەدەنىيەت زىيارىتى مەقسىتىدە يولغا چىققان بۇ ساياھەتچىلەر ئەسلىدە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدىغان يېشىل پاسپورت بىلەن يولغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى تۈرك ئوچاقلىرى نامىدىكى مىللەتچى بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلىنگەندىن كېيىن چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەن.

تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى خىزمەت غايىسى قىلغان ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلات تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. 15 نەپەر تۈرك ساياھەتچىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى، ئىستانبۇلدا ھەج سەپىرىدىن توسۇۋېلىنغان ساختا پاسپورتلۇق 98 ئۇيغۇرنىڭ جازالانماي تۈركىيەگە قويۇپ بېرىلىشىدىن ئىككى كۈن كېيىنگە توغرا كېلىشمۇ ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.