ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.11.23


ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن تۈركىيە سەپىرىدە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈن يىللار بويىچە ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر - بىرىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوۋ بايدىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەسكەرتىپ،بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دوست ئۆتۈۋاتىمىز، ئەڭ مۇھىمى شۇكى مەن يەنە تۈركىيەدە دوستلار ئارىسىدا، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بويىچە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا» دېگەن.

جوۋ بايدىن بۇ نۇقتىنى داۋۇت ئوغلۇ بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن ئىدى.

تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۇركىيەگە ئۈچ كۈنلۈك رەسىمى زىيارەت بىلەن كەلگەن جوۋ بايدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردا سارىيى - دولماباغچا سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنۇ مۇزاكىرە قىلغان. داۋۇت ئوغلۇ بايدىننىڭ زىيارىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كېڭىشىش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ت ر ت رادىئوسىنىڭ يېزىشىچە، داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كرىزىس رايونلىرى ۋە كىرىزىسلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن شەنبە كۈنى ئەنقەرەدە تۈركىيە پرېزىدېنتى تايىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.