تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى بومباردىمانلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.08.28

تۈركىيە ترت رادىئوسى ۋە باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى 28 - ئاۋغۇست كۈنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، 25 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆلتۈرگەن.

تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتابى سۈرىيە ئىچىدىكى پ ك ك تارمىقى ۋە پ ي د نىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ بىنالىرىدىن بەشنى ۋەيران قىلغان. تۈركىيە تەرەپ بۇ ھۇجۇمنى تۈركىيە قوشۇنلىرى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تۈركىيە تانكىسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئۈچ ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. تۈركىيە ھەربىي تەرەپ ھۇجۇم قىلغان 3 ھۇجۇمچىنى تۇتقان.تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇردلارنىڭ پ ي د تەشكىلاتى ۋە ئۇلارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى پ ك ك بىلەن ئوخشاش تېررورچى تەشكىلات دەپ قارايدۇ.

ھۇجۇملار جەريانىدا پ ي د نىڭ قولىدىكى بىر قانچە يېزا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ئارمىيىسى دائىشقا قارشى ھۇجۇملارنى باشلىغان ئىدى.

ئەمما، رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ»تورى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مەلۇم ساندا تىنچ پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.