تۈركىيە دىپلوماتلىرىدىن 35 كىشى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىدى
2016.10.24
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24 -ئۆكتەبىر كۈنى قوللىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە پاسپورتى بولغان 35 كىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىدا ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەغلۇپ بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە مەلۇم شەكىلدە چېتىلىپ قالغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جوھان دىمروس «ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۈركىيە دىپلوماتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. ئەمما ئۇ «بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېرلىندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خادىملارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، فەتھۇللا گۈلەنگە باغلانغان «15-ئىيۇل ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن تۈركىيەدە 32 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۈرمىگە چۈشكەن ھەمدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىن ھەيدەلگەن. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا بۇنى ئەردوغاننىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا.









