تۈركىيە ھەربىيلىرى سۈرىيەگە كىرمەكچى بولغان 7 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.02.23

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن تۈركىيە ھەربىي تەرەپ تۈركىيەدىن سۈرىيەگە كىرمەكچى بولغان 7 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ 7 نەپەر كىشى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاتاي ئۆلكىسىنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جايىدا تۇتۇلغان.

بۈگۈن تۈركىيەدە چىقىدىغان «يېڭى شەپەق» گېزىتى تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تور بېتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سۈرىيە چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان 7 نەپەر كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر 91 دۆلەتتىن سۈرىيەگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان 10 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ تۈركىيە تېررىتورىيىسىدە توسۇپ قېلىنغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.