ئەردوغان رۇسىيەدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-11-26
Share

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان كرىزىس داۋاملىق ئۆتكۈرلەشتى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان. ئۇ، ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۆزرە تىلەيدىغان تەرەپ بار بولسا ئۇ بىز ئەمەس، ھاۋا بوشلۇقىمىزغا مۇداخىلە قىلغانلار ئۆزرە تىلىشى كېرەك» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، تۈركىيەنىڭ ئۆرۈر تىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈركىيە چارشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ SU-24 تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن. رۇسىيە بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۈرىيەدىكى ھەربىي كۈچلىرىگە ھاۋادىكى ھەرقانداق تەھدىتنى سوئال-سوراقسىز ئۇرۇپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، سۈرىيەنىڭ لازكىيە رايونىدىكى ھەربىي بازىسىغا S-400 تىپلىق ئايروپىلانغا قارىشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر بازا تۈركىيە چېگراسىغا ئالاھازەل 50 كىلومېتىر كېلىدۇ.

رۇسىيە يەنە، سۈرىيەدىكى تۈركىيە قوللاۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتكەن. شىددەتلىك بومباردىمان نەتىجىسىدە پەيشەنبە كۈنى قوراللىق تۈركمەن ئۆكتىچى كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان، تۈركىيەگە چېگرىداش قىزىلتاغ رايونى ئەسەد ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.

رۇسىيە تۈنۈگۈن يەنە سۈرىيە چېگراسىدا مۇساپىرلارغا ياردەم بۇيۇمى ئېلىپ ماڭغان بىر تۈرك يۈك ئاپتوموبىل ئەترىتىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباردىماندا 7 ئادەم ئۆلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت