تۈركىيەدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئاق پارتىيە پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى يوقاتقان
2015.06.08
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.
13 يىلدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمران پارتىيە بولۇپ كەلگەن ئاق پارتىيە، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 41% ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئىلگىرىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى يوقاتقان.
سايلامدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 24.96% ئاۋازغا، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 16.29% ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاق پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا خاتىمە بەرگەن.
تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەب تاييىپ ئەردوغان پارلامېنتتىن ئورۇن ئالغان ھەممە پارتىيەلەرنى ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا ۋە «مۇقىملىق ئاتموسفېراسىنى ساقلاش» قا چاقىرغان.
سايلامدا كۇردلاردىن تەشكىللەنگەن خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى 13% ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 20% نى تەشكىل قىلىدىغان كۇردلارنىڭ خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىپ تۇنجى قېتىم پارلامېنتتىن ئورۇن ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ نەتىجىسى رەئىس جۇمھۇر ئەردوغاننىڭ ھوقۇقىنى كۆرۈنەرلىك چەكلەپ، باش مىنىستەر داۋۇتئوغلۇنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، كۇردلارنىڭ بىر پارتىيەگە ئۇيۇشۇپ تۈركىيە پارلامېنتىدىن رەسمىي ئورۇن ئېلىش چۈشىنى رېئاللاشتۇرغان، دەپ قارىماقتا.