تۈركىيە باش مىنىستىرى: تۈركىيە يېقىن كەلگۈسىدە ئىراق ياكى سۈرىيەگە يەر يۈزىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىمايدۇ
2015.11.15
ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ جۈمە كۈنى ئەگەر تۈركىيە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىسىلا، يېقىن كەلگۈسىدە ئىراق ياكى سۈرىيەگە يەر يۈزىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈرىيەدە بىر قوغدىنىش بەلۋېغى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە تېررورچىلار ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ۋە باشقىلارنىڭ قانداق پىكىردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقنى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈركىيە ئىيۇلدىكى سۇرۇج ھۇجۇمى ۋە ئۆكتەبىردىكى ئەنقەرە ھۇجۇمىدىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق زور كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ھۇجۇملاردا جەمئىي ئاز دېگەندە 130 غا يېقىن ئادەم ئۆلگەن، بىر نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان ئىدى.
دائىرىلەر ھەر ئىككىلا قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئىسلام دۆلىتىدىن كەلگەنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.