تۈركىيە چېگراسىغا توپلانغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.02.06

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن ئالېپپو شەھىرىدە ئۇرۇش ئوتى كۈچەيگەندىن كېيىن، تۈركىيە چېگراسىغا توپلانغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىشكە باشلىغان.

ب ب س دا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار تۈركىيە كىلىس ئۆلكىسى ھۆكۈمەت خادىمى جۈمە كۈنگە قەدەر تۈركىيە چېگراسىغا توپلانغان مۇساپىرلار سانى ئەسلىدىكى 20 مىڭدىن 35 مىڭغا كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ياردەمنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ كۆچمەنلەر سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ ھەپتە ئىچىدە ئالېپپو ئۆلكىسىگە قاراشلىق راتيان ۋە زاھرا رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەردىن تارتىۋالغاندىن كېيىن شەھەرنى تاشلاپ قېچىشقا باشلىغان.

ئالېپپو شەھىرى 4 يىلدىن بۇيان ھۆكمەتكە قارشى مۆتىدىل قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بىرلەشكە دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئالېپپودىن مۇساپىر بولۇپ قاچقان كىشىلەرنىڭ سانى 40 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى - «ۋورلد ۋىژىن» نىڭ مۆلچەرلىشىچە، سۈرىيەدە 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 250 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەندىن باشقا 4 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن، يەنە 6 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سۈرىيە ئىچىدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.