خىتاي تەرەپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-27
Share

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 27‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى خىتايغا تۆھمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 25‏-فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلارنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ «تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

چاۋۇشئوغلۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئالغان شۇنىڭدەك يەنە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر ئاشكارىلانغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. بۇ دەلىللەر تۈركىيە جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا قوزغاپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 27‏-فېۋرال قايتۇرغان ئىنكاسىدا خىتايغا بىر تەرەپلىمىلىك قارىمايدىغان، يامان غەرىزى يوق دۆلەتلەرلا ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن قارايدىغانلىقى، يالغاننى ئويدۇرۇپ، ئۇنى دۈشمەنلەرچە ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئوخشاشلا تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىپ، «ئەگەر تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› قوللانسا، ئۇ باشقىلارغا زىيان سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىگىمۇ زىيان سالىدۇ» دېگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 25‏-فېۋرالدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى تۈركىيەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي يەنە ئەنگلىيەنىڭ تەنقىدىگىمۇ ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت