تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى 15 تۈركنىڭ ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىگە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.25

تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ 15 تۈرك ساياھەتچىنى ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇۋەتكىنىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

15 ساياھەتچىنىڭ ئىچىدىكى ئوسمان ئوكتاينىڭ تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلات مەركىزىنىڭ تەپتىشى ئىكەنلىكى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خىتاي تەرەپنىڭ ئايرودرومدا 15 تۈرك ساياھەتچىگە تۇتقان ناچار ۋە قوپال مۇئامىلىسى ئەيىبلەندى. تەشكىلات باياناتىدا يەنە، تۈرك ساياھەتچىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ۋەقەگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەشكىلات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا «شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك ئوچاقلىرى ئەزالىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدىغان يەنە قانداق زۇلۇم سىياسەتلىرى بار؟» دەپ سوئال قويغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.