تۈركىيە پرېزىدېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۇرد تېررورچىلىرىغا يانتاياق بولۇش بىلەن، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى ئىقتىدارسىزلىق بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.26


تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۇرد تېررورچىلىرىغا يانتاياق بولۇش بىلەن، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنى ئىقتىدارسىزلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيە تۇتۇپ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بىر تېررورچىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا سەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان ئاكا - ئۇكىلاردىن بىرى ئىبراھىم ئەلباكرائوينى تۈركىيەدە قولغا ئېلىپ ياۋروپاغا قايتۇرغان ۋە ئۇنىڭ بىر ئىسلام دۆلىتى جەڭچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە بېلگىيە تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ھالبۇكى بېلگىيە دائىرىلىرى ئەل باكرائوينى بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.

تۈركىيەنىڭ سورگۇن شەھەرىدە سوز قىلغان ئەردۇغان مۇنداق دېدى: «بۇ ئاجىز ھۆكۈمەتلەرنى. بىز ئۇنى غازىئەنتەپتە تۇتۇق ۋە قايتۇرۇپ بەردۇق. ئۇ ئەپەندىلەر كېرەكلىك بولغان ئىشنى قىلماي، ئۇ تېررورچىنى قويۇۋەتتى.»

ئۇ يەنە بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە تېررورچى تەشكىللەت دەپ ئەنگە قالغان«كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى» نى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار تېررور گۇرۇھى مەنسۇپلىرىنىڭ ياۋروپا كونسۇلى يېنىدا چېدىر قۇرۇشىغا، تېررورچىلارنىڭ رەسىملىرى ۋە بايراقلىرىنىڭ ئېسىلىشىغا يول بەردى.»

ئۇ يەنە تېررورلۇقنىڭ پەقەت بىر دۆلەتنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

سەيشەنبە كۈنى ئەلباكرائوي بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ئايروپورتىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان ئىدى. 22 - مارت بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 31 ئادەم ئۆلگەن، يەنە نەچچە ئونلىغان ئادەم ھەرخىل دەرىجىدە يارىلانغان.

بېلگىيەدىكى ھۇجۇم تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن 3 كۈندىن كېيىن، ئەنقەرەدىكى ھۇجۇمىدىن 9 كۈنىدىن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇمدا 4 ئادەم، ئەنقەرەدىكى ھۇجۇمدا 37 ئادەم ئۆلگەن.

ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن، ھۇجۇمنى تۈركىيەدىكى تېررورچى گۇرۇھ «پ ك ك» يەنى «كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى» گە تەۋە «كۇردىستان ئازادلىق شۇڭقارلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.