تۈركىيە سايلىمى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنت ۋە پرېزىدېنتلىق سايلىمى 14-ماي كۈنى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاندىن كېيىن ھەرقايسىى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىيۇن ئېيىدا باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك سايلام ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەب تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. بۇ قېتىمقى سايلامدا قايتىدىن رەئىس جۇمھۇرلۇققا سايلىنىش ئويىدا بولۇۋاتقان ئەردوغان بۇرسا شەھىرىدە ئ‍ۆتكۈزۈلگەن ياشلار قۇرۇلتىيىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلغان ھەمدە «ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن بىزنىڭ يولىمىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە. 14-مايدىكى سايلامدا سىلەرنىڭ بىزگە ئاۋاز بېرىشىڭلار زور قىممەتكە ئىگە» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، 2018-يىلى باش مىنىستىرلىقنى بىكار قىلىپ بارلىق ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن. 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئەردوغان تۇنجى بولۇپ بۇنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، كېيىنچە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى مەۋقەسىنى قايتا ئاشكارا قىلمىغانىدى.

«ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەردوغانغا قارشى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلى 2019-يىلىدىن تارتىپ ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەردوغاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبلىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ھازىر قارشى نامزاتنىڭ كىم بولۇشى فېۋرال ئېيىدا ئېلان قىلىنىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئىيۇن ئېيىدا بولۇشى بىر قىسىم دىنىي بايراملارغا، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئالدىغا سۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۆكتىچىلەر ئۇنى قايتا سايلىنالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئوتتۇرىغا چىقارغان چارىلارنىڭ بىرى، دەپ قارىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.