تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى: «ئۇيغۇرلار تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.17

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۇتكۇ چاكىرئۆزەر 17‏-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنكاسلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن. سىياسىي يولى سوتسىيال دېموكرات بولغان ج ھ پ نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى تۇنجى قېتىم بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە ئەمەس.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئۆتكەن يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇتكۇ چاكىرئۆزەر سۆزىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ 6 ئاي ئاۋۋال خىتايغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا «جىددى» قارىماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. 

«مۇستەقىل ئالاقە» ناملىق تۈرك تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇتكۇ چاكىرئۆزەر، «ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك» دېگەن. ئۇتكۇ چاكىرئۆزەر بۇ سۆزلەرنى تۈرك تاراتقۇلىرىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇل بوغىزىدىكى 3‏-كۆۋرۈكنىڭ بىر قىسىم پاي چېكىنى خىتايلارغا ساتقانلىقى، خىتايلارنىڭ ئىستانبۇلدا «خىتاي بازىرى» قۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى، تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئۆي-مۈلك سېتىۋېلىۋاتقانلىقى، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلار بىلەن قانال ئىستانبۇل قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئەردوغاننى قوللايدىغان بېيجىڭپەرەس رادىكال سول پارېتىيە «ۋەتەن» پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى «ئايدىنلىق» گېزىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى كىئا نىڭ جاسۇسى، دەپ ئەيىبلەپ، ھۇجۇم قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى. 

«مۇستەقىل ئالاقە تورى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران ئۇتكۇ چاكىرئۆزەرنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ بىلەن زىيارەت قىلىنىدىغان كونكېرت ئورۇنلار ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.