تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.25

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خىتايغا 2‏-قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈشىدۇر. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 25‏-فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا يۇقىرىقى چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلارنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ «تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار ئەندىشە قوزغىماقتا».

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ يەنە «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشىغا قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يېقىندا ئاخىرى سۈكۈتىنى بۇزغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئېغىر نومۇس» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.