تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 7-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 7-ئۆكتەبىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە بۇ ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەمئىيەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە مەسئۇل بولغان 3-كومىتېتىغا دۆلەت باياناتنامىسى سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىمۇ بۇ باياناتنامىنى ھەمبەھىرلىگەن.

بۇ باياناتنامىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خاتىرىلەش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى» تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، بەزى كونكرېت تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ باياناتنامىدە يەنە تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تەڭ-باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئىگە بولۇپ، تىنچ-خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ باياناتنامىدە تۈركىيەنىڭ ب د ت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق بىۋاسىتە ۋە ئۈنۈملۈك دىئالوگ ھاسىل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە بۇ باياناتنامىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا «رولى بولىدىغان، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان» زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇشىنى، خىتاينىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خەلقئاراغا ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاقسوي 6-ئۆكتەبىر بايانات بېرىپ: «تۈركىيە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە. تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ھەر دائىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت