تۈركمەنىستاندا پرېزىدېنت نىيازوفنىڭ «روھنامە» ناملىق كىتابى ئىمتىھان ئېلىشتىن بىكار قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز دۆلىتى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ كىتابى «روھنامە» ئالىي مائارىپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىۋېتىلدى.

رۇسىيەننىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «روھنامە»نى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشتىكى مۇھىم ئىمتىھان قىلىشنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۈركمەنىستان تارىخى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت پېنى بويىچە ئىمتىھان بېرىشنى بېكىتكەن.

«روھنامە» ناملىق كىتاب سابىق پرېزىدېنت، تۈركمەن باشى سەپەر مۇرات نىيازوف تەرىپىدىن 2001 - يىلى يېزىلغاندىن كېيىن، ئۇ مەزكۇر كىتابنى پۈتۈن تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋى دەستۇرى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە - جەمئىيەتنىڭ چوقۇم ئۆگىنىشىنى شەرت قىلغان ئىدى.

تۈركمەن باشى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن گۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوف بۇ كىتابقا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما، قەدەممۇ - قەدەم 2011 - يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر كىتاب بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. مانا ئەمدى بۇ كىتابتىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانى ئېلىشنى بىكار قىلغان.

«روھنامە» ناملىق نىيازوفنىڭ دۆلەت دەستۇرى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن مەزكۇر ئەسەر ياۋروپا تىللىرى ۋە بىر قىسىم تۈركىي تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت