تۈركمەنىستان جەنۇبىي كورېيە بىلەن تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش كېلىشىمى تۈزدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


جۈمە كۈنى تۈركمەنىستان جەنۇبىي كورېيە بىلەن 4 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش كېلىشىمى تۈزدى.

كېلىشىم تۈزۈش مۇراسىمى تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پارك گۇېنھې قاتارلىقلار باش بولدى بولدى.

كېلىشىم بويىچە، تۈركمەنىستان دۆلەتلىك گاز شىركىتى - تۈركمەنىستانگاز بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ L g ۋە Hyunday شىركىتى بىرلىشىپ بىر تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەپ زاۋۇتى قۇرماقچى بولدى.

تۇنجى قېتىم تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلغان جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى پارك بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەردە ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىزدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەجرىبىسى بار.

تۈركمەنىستاننىڭ خىتاي بىلەنمۇ خېلى كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە كېلىشىمى بار ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت