تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.09.21

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-سېنتەبىر سانىدا ئاندرۇۋ جېيكوبس ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان تۇرپان كارىزلىرى ھەققىدىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مىڭ يىللاردىن بۇيان ھۆل يېغىن مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ كېلىۋاتقان تۇرپان ئويمانلىقىنى لازىملىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان كارىزلار ھازىر تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ كەتمەكتە ئىكەن.

خىتاي مۇتەخەسسىسلەر يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە تۇرپانغا قوشنا رايونلاردىكى زور كۆلەملىك نېفىت قېزىش ۋە سانائەت زاۋۇتلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى زور مىقداردا سەرپ قىلىشى تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سۈرئىتى بىراقلا تېزلەشكەن. بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بۇيان ھەقسىز سۇ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئاھالىلەر شەھەردىن سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىنگەن سۇ ئۈچۈن كۆپ مىقداردا سۇ پۇلى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما يەرلىك كىشىلەر مۇخبىرغا «شەھەرنىڭ سۈيى ساپلا دورا تېتىيدىكەن» دېگەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ خىتاي مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 1950-يىللىرىدىكى 1800 كارىزدىن ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى 200 دىن كۆپرەك بولۇپ، مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھەر يىلى نەچچە ئونلىغان كارىزلار سۇ مەنبەسى ئۈزۈلگەنلىكتىن قۇرۇپ كېتىۋېتىپتۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى نېفىت مايلىرى بىلەن بۇلغانغانلىقتىن ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.