تيەنئەنمېن مەيدانىدا ۋەقە يۈز بېرىپ 5 كىشى ئۆلگەن، 38 كىشى يارىلانغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.10.28

بۈگۈن يەنى 28-ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ۋەقە يۈز بېرىپ 5 كىشى ئۆلگەن ۋە 38 كىشى يارىلانغان؛ خىتاي ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، چۈش مەزگىلى سائەت 12 دىن 20 ئۆتكەندە، ئىچىدە 3 كىشى بولغان بىر ئاپتوموبىل، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى رىشاتكىنىڭ بىر بۆلىكىگە قاتتىق سوقۇلغان ۋە رىشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەرگە ئۇرۇلغان.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتوموبىل رىشاتكىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن ماشىنىغا ئوت كەتكەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە ماشىنىغا ئوت كېتىشنىڭ ئالدىدا پارتلاش ئاۋازى چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە ئاپتوموبىلدىكى 3 كىشى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 5 كىشى ئۆلگەن ۋە 38 كىشى يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە شەھەرنىڭ بىر قىسىم پويىز بېكەتلىرىنى تاقاپ يولۇچىلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان؛ باياناتچى ئۆزىنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانى بەزىدە خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سەھنىسى بولۇپ كەلگەن. 2011-يىلى كۈزدە، سوت ھۆكۈمىگە نارازى بولغان بىر ئەرزدار تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئۆزىگە بېنزىن تۆكۈپ ئوت قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.