ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تيەنئەنمېن ھۇجۇمى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-12-02
Share

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى Niccolo Rinaldi بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پەرقلىق يول تۇتۇشقا تەييارمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى.

ۋاكالەتسىز مىللەت تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ۋە بۇ ۋەزىيەتنىڭ 28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەھلىل قىلىنىدۇ.

يىغىندا رايوننىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلار خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قايسى يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرۈش ئېھتىماللىقى ۋە بۇ جەرياندا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئوينىيالايدىغان رولى ھەققىدە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن ئۇيغۇرچە بىر پارچە شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت