تيەنجىندىكى پارتلاشتىن كېيىن ياڭ چېنلىياڭ قاتارلىقلار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.08.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

12-ئاۋغۇست تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبلىك، خىتاي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ چېنلىياڭ ۋە رۇيخەي شىركىتىنىڭ خوجايىنى قاتارلىقلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 18-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ چېنلىياڭ، تيەنجىن رۇيخەي شىركىتىنىڭ خوجايىنى يۈ، قاتارلىق شىركەتنىڭ 10 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە يۈز بېرىپ 5 كۈندىن كېيىن تيەنجىنگە كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلارنىڭ چوقۇم جازالىنىدىغانلىقىنى، پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يوشۇرۇپ قېلىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

18-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 12-ئاۋغۇستتىكى پارتلاشتا 114 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن بىر قىسىم تور بەتلەرنى «ساختا خەۋەر تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلەپ تاقىۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.