خىتاي تيەنجىندىكى پارتلاشتا 17 مىڭ ئاھالىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2015.08.18
خىتاي دائىرىلىرى قۇرغان تيەنجىندىكى پارتلاشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 18-ئاۋغۇست بايانات بېرىپ، تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاشتا 17 مىڭ تيەنجىن ئاھالىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم پارتلاشنىڭ زىيىنى ھەققىدە بايانات بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ پورت ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، پارتلاش سەۋەبىدىن 779 ئائىلىنىڭ ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن 15 مىڭ كىشىنىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى 12 مەكتەپ، 3 ئولتۇراق رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان پۇقرالارغا ھۆكۈمەتنىڭ 3 ئايغا قەدەر ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشى پورت ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى نارازى قىلغان بولۇپ، پورت رايونىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر، پارتلاشتا ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بايانات بېرىۋاتقان مېيخۇئا مېھمانخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتتىن ئۇلارنى يېڭى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، نامايىشنىڭ 18-ئاۋغۇستمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.