ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار APEC ئىشتىراكچىلىرىنى خوڭكوڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو پۇقرالار كۈچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭدا باشلانغان ئا ت ئى ھ م باشلىقلار يىغىنىدا خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، «بىز بارلىق رەھبەرلەرنى خوڭكوڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە پىلانىغا كىرگۈزۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى، بۇ دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈشكە ياردەمچى بولىدۇ» دېيىلگەن. باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دېموكراتىك سىستېما ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.

باياناتتا، يەنە، ئا ت ئو ئى ھ م نىڭ شاڭخەي يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىم بېيجىڭ يىغىنىدا چېرىكلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ قارارىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرغان.

ئا ت ئى ھ ت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى بولسىمۇ، بىراق بۇ ئورگان 2001‏-يىلى چاقىرىلغان شاڭخەي يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرۇلۇق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

لېكىن ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوش، خىتاينى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت