ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2022.05.21
ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە ھەيئەت ئەزالىرى
RFA

2022-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 10-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى.

 سايلام كومىتېتى بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 10-نۆۋەتلىك سايلىمى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن، يەنى 21-ماي شەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ۋىرجىنىيە، مارىلاند شىتاتلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولدى، شۇنداقلا سايلام كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىنىڭ 10-نۆۋەتلىك سايلىمىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىملىق سايلام نەق مەيداندا ۋە تور ئارقىلىق بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. سايلام قىزغىن كەيپىيات ھەم دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، رەئىس نامزاتى ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇتلەق كۆپ ئاۋاز، يەنى 156 بېلەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا، ئابدۇغېنى مۇسا، مىسران دولان، قۇددۇس ئىمام قاتارلىق 4 كىشى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەرقايسىي شىتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئېلان قىلىندى. نۇرنىسا قۇربان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا، ئوغلان ئۇيغۇر مىسسورى شىتاتىدا، ئەقىدە ئىلھام مىشىگان شىتاتىدا، رۇستەم مۇھەممىدوۋ فىلورىدا شىتاتىدا، مۇزەپپەر دولان تېكساس شىتاتىدا، مەمەت ئىمىن نيۇ-يورك ۋە پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولدى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس ئەلفىدار ئىلتەبىر قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى. ئۇ جامائەتكە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ھەرقايسىي شىتاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى ھەم زېھنى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.