ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى نازارەتلەر ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-04-09
Share

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسى،جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» خىتابنامىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئاممىنى «بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىيلىك»كە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققىدە قەسەم بېرىش ۋە ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى نازارەتلەر ۋە ئىدارىلەردىمۇ بۇ خىل ھەرىكەت باشلانغان.

ئىلگىرى-كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگان خىزمەت ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى،سودا نازارىتى، باج ئىدارىسى ۋە باشقا ئورگانلار چوڭ يىغىن چاقىرىپ، كادىرلاردىن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارغا يازغان خېتىنى»ئۆگىنىش، «مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلار» ۋە «بۆلگۈنچىلەر»گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا يەنە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا يازغان «خېتى»نىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە تەشكىللىگەن.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە 1-ئاپرىل كۈنىدىن ئېتىبارەن «ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن بولۇپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە مىلى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دەخلى-تەرىز قىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت