ئۇكرائىناندا لېنىننىڭ ھەيكىلى داۋاملىق يىقىتىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.04.18


17 - ئاپرىل كۈنى بىر قىسىم يۈزىگە ماسكا تاقىغان كىشىلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خاركوۋ شەھىرىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى داھىيسى ۋلادىمىر لېنىننىڭ ئىككى ھەيكىلىنى يىقىتقان .

رۇسىيە تور بەتلىرىدىن «سېنسور.نېت»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئادەملەر ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىكى لېنىننىڭ ھەيكىلىنىڭ بوينىغا ئارغامچا سېلىپ، تارتىپ، ھەيكەلنى يىقىتقان.

17 - ئاپرىل كۈنى يەنە رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىك لۇگانسك ئوبلاستىدىكى بىر يېزىغا تىكلەنگەن لېنىننىڭ ھەيكىلىگە ئۇكرائىنا دۆلىتىنىڭ بەلگىسى بولغان سېرىق ۋە يېشىل رەڭ چېچىلىپ، ئارقىدىن يىقىتىلغان.

مۇنداق، لېنىن ھەيكىلىنى يىقىتىش رۇسىيەپەرەس كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىن مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئىپادىسىگە ئايلانغان بولۇپ، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى يەنە بىر شەھەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى ۋاقتىدا يىقىتىلغان لېنىن ھەيكىلى، بۇ شەھەر رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندە رۇسىيەپەرەس كۈچلەر تەرىپىدىن قايتىدىن تىكلەنگەن.

ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا لېنىن ھەيكىلىنى يىقىتىش ۋەقەلىرى ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ كۈچىيىشى جەريانىدا كۆپلەپ يۈز بەرگەن ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتىدە، يەنى 9 - ئاپرىل كۈنى ئۇكرائىنا پارلامېنتى ناتسىسلار ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بەلگىلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنى چەكلەيدىغان ھەمدە كىمكى بۇ قانۇننى بۇزسا 5 - يىلىدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كوممۇنىستلار شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى ھېسابلانغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇكرائىنا لېنىن ھەيكىلى ئەڭ كۆپ ئورنىتىلغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، 1991 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۇكرائىندا 1500 دىن ئارتۇق لېنىن ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.