ئۇكرائىنا دائىرىلىرى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە تەمىنلىگەن بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-07-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شەنبە كۈنى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، پەيشەنبە كۈنى قازاغا ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ رۇسىيە تەمىنلىگەنلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدا ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بارلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى ئامىستېردامدىن مالايشىياغا قاراپ يولغا چىققان MH17 - نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى شەرقىي ئۇكرائىنا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئىچىدىكى 298 يولۇچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

كېيىن مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن ئۇكرائىنا دائىرىلىرى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رۇسپەرەس كۈچلەرنى ئەيىبلىگەن.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بومبىنى رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان رۇسپەرەس كۈچلەرگە بەرگەن ئىكەن.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى رۇسىيە ۋە رۇسپەرەس كۈچلەرنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدە دەلىل ئىسپاتلارنى جىددىي يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا ئۇكرائىن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىتالي نايدا ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن BUK - M1 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىن رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى رەسىملەر بىلەن كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ سنىژنە كەنتىدىن ئېتىلغان.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دائىرىلىرىمۇ مەزكۇر ئايروپىلان قازاسىدا رۇسىيەنىڭ ياردىمى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت