ئۇكرائىن ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسپەرەس كۈچلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى بۇزۇلمىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.09.06


مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە رۇس ۋە ئۇكرائىن پرېزىدېنتلىرى ئۇكرائىن ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسپەرەس قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھازىرغىچە بۇزۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم جۈمە كۈنى تۈزۈلگەن بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە 6 - سېنتەبىر يەنە بىر قېتىم سۆزلەشكەن ۋە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پوروشېنكو بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان شەرقىي ئۇكرائىنادىكى دۇنيېتسكى قاتارلىق رايونلاردا داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تىنچلىق چارىسى تېپىپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

غەرب ئەللىرى كۈچلەرنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچەلەرنى قورال - ياراق ۋە ئوق دورا بىلەن قوللاۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىشقان.

ھالبۇكى رۇسىيە دائىرىلىرى بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

ئالدىنقى كۈنى ۋالىش ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو يىغىندا رۇسىيىنى يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش ۋە شەرقىي ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىش مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.