NATO رۇسىيە مەسىلىسىدە قاتتىق ئىپادە بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-03-23
Share

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا يادرو قوراللىرىنى ئىشقا سالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، NATO نىڭ باش سېكرېتارى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) شۇ كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ: «بىز رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي ياۋروپادا كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى تەسىس قىلىۋاتىمىز. رۇسىيە يادرو قورالىنى ئىشلىتىپلا بۇ ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقىمىز، دەپ خام خىيال قىلمىسۇن» دېگەن. شۇنىڭدەك NATO نىڭ داۋاملىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «دوستى» بولغان ئۇكرائىنانى كېرەكلىك ياردەملەر بىلەن تەمىن ئېېتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەرگىزمۇ رۇسىيە بىلەن NATO ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىقنىڭ مەزمۇنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە NATO نىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا زور تەڭشەش تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشقان.

BBC نىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، NATO نىڭ باش سېكرېتارى جېنس ستولتېنبېرگ ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «خىتاي رۇسىيەنى سىياسىي ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشكارا يالغانلارنى ۋە خاتا ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلشىچە NATO ھازىر خىتاينىڭ رۇسىيەنى ماددىي ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىشىدىن ۋايىم يېمەكتە ئىكەن.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ۋىدىيو ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. مەزكۇر تەلەپ بويىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 23-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، جۈملىدىن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇكرائىنانى ھېمايە قىلىش ئۈچۈن ھاسىل بولۇۋاتقان دۇنياۋىي سەپتىن ئىزچىل ئۆزىنى چەتكە ئ‍ېلىشى نۆۋەتتە خەلقئارا ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 49-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ۋە رۇسىيە ئىزچىل ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولغان. 21-كۈنى يىغىن ھەيئىتىگە تاپشۇرۇلغان باياناتىدا فرانسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېروم بوننافونت (Jérôme Bonnafont) رۇسىيەنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك زۇلۇملىرىنى باراۋەر تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە تاشپولات تېيىپ، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئالاھىدە مىسال قىلغان ھالدا ھەر ئىككى جايدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت