ئۇكرائىنا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى ھەم شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرس كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان يېڭى تىنچلىق سۆھبىتى 31 - يانۋار كۈنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، بېلارۇسىيەنىڭ مىنسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تىنچلىق سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى ئەيىبلىگەن. رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ۋەكىللىرى كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچى سابىق ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى لېئونىد كۇچمانى كىيېۋنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلماي، كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان. كۇچما بولسا، تىنچلىق كېلىشىم ھۆججىتىگە رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرى قول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە پەرەس كۈچلەر سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن لېئونىد كۇچمانىڭ تولۇق ھوقۇقى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار، ئۇنى كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ جەرياندا ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى بىلەن رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىكى جەڭلەر داۋاملىشىپ، ئۇكرائىنا تەرەپتىن 15 ھەربىي خادىم ئادەم ئۆلۈپ، 30 نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا تەرەپتىن ھەربىي ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ كوماندىرى قاتتىق يارىلانغان.
نۆۋەتتە، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى دېبلاسېۋ شەھىرىدە جەڭلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كوپ ساندىكى ئاھالىلەر بۇ يەردىن كېتىشكە باشلىغان.
شەرقىي ئۇكرائىنادىكى 9 ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان توقۇنۇشلار جەريانىدا 5 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.